ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىق سالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 17:16

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

2021-يىللىق مەملىكەتلىك داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم قالقان. يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتىدىن بۇيان، ئاساسقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش، مېخانىزم ئورنىتىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ۋە داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى سىجىل ياخشىلاندى، بولۇپمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا تېببىي دورا-سەھىيە سىستېمىسى زور تۆھپە قوشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق تېببىي خادىملار ۋە داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش ۋە داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، داۋالاش، داۋالىنىش كاپالىتى، تېببىي-دورىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىن كېلىشىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس دورىلارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى مەركەزلىك كېڭەيتىش ئارقىلىق ئاممىنى داۋالاش-دورا ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. رايونلۇق داۋالاش مەركىزى ۋە ناھىيەلىك داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا-كەنت دوختۇرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، «ئىنتېرنېت + داۋالاش ساغلاملىقى» قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.













لى جەنشۇ تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تۆۋەن پالاتا باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىدېيو ئارقىلىق تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تۆۋەن پالاتا باشلىقى چۈەن لېكپەي بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تايلاند رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا قوللاشنى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «تايلاند 4.0»، شەرقىي قىسىم ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
لى جەنشۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
چۈەن لېكپەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاند جۇڭگو بىلەن بولغان چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. تايلاند جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. تايلاند پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ ئادىل ئابلەت .

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىق سالدى

2021-يىللىق مەملىكەتلىك داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى