ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 15:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. كېچىلىك باشلىنىشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركىگە قاتناشقان ئارتىسلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، تەشكىلىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، 56 مىللەتتىن بولغان مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىلى ما جىجيەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى خۇيزۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىزنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەم بىز بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، كېچىلىكنى بىز بىلەن بىللە كۆردى، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم. ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى كەچتە 56 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ھېس قىلدى، بىز ئاشۇ خىل ھېسسىياتنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز.

بېيجىڭ شىزاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مياۋزۇ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ سۈيچۈن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خەلق سارىيى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى، ئويۇن قويۇش جەريانىدا، قويۇق مىللىي ئۇسلۇبتىكى نومۇرلار كېچىلىكنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، ناھايىتى قالتىس بولدى، كىشىنى روھلاندۇردى. كېچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەيداندىكى بارلىق تاماشىبىنلار ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىش ياڭراتتى.

9-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللانغان 42 نومۇرنىڭ 21 ى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدا كۆرسىتىلدى. بۇ-ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركىنىڭ تۇنجى قېتىم توردا كۆرسىتىلىشى بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى. تورغا چىقىرىلغان نومۇرلار ئامما ئارىسىدا كەڭ دىققەتكە ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشتى، نۇرغۇن تاماشىبىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەس-بەستە توردا كۆرۈپ، قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، «كۆرەكنى كۆرۈش قىزغىنلىقى»نى قوزغىدى.

خۇبېي ئۆلكىلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدىكى بىر تاماشىبىن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «تاڭيا بېگىنىڭ خانىمى» دېگەن نومۇرنىڭ ھېكايىسى ئېسىل، مەزمۇنى مول، ئاھاڭى يېقىملىق، ئىپادىلەش كۈچى مول، كىيىم-كېچەك، دېكوراتسىيە، سەھنە لايىھەلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە يەرلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېسىل كارتىنىسى تولۇق نامايان قىلىنغان.

جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى ۋۇنىڭ ناھىيەسى لوپىڭ بازىرىدىكى شېزۇ كەنت ئاھالىسى لېي جىنجۇ توردىن مۇزىكىلىق دىراما «بۇلۇت ئۈستىدىكى سۇمۇرغ»نى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى-ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەر مىللەت خەلقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بىز بۇ نومۇردىكى شەخسلەرگە ئوخشاش تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرتىمىزنىڭ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى تەرەققىي قىلىپ، شېزۇ ئاممىسىنىڭ بىرلىكتە بېيىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى