ئافغانىستان تالىبانلىرى: ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ «ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى» غا كاپالەتلىك قىلىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئافغانىستان تالىبانلىرى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئافغانىستاننىڭ «ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى»غا كاپالەتلىك قىلىدۇ دېدى.
تالىباننىڭ باياناتچىسى تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى ھاياتۇللا ئاخۇنزادەنىڭ ئەمىر سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇقىم ساغلام مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ،ھەر قانداق كىشى ياكى تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بارلىق دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكى، ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى ۋە چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تىرىشىپ قوغدايدۇ.