ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 16:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ۋەتەن فىرونتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دۇ ۋانچىن بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى داۋاملىق ياخشى راۋاجلانماقتا. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باش شۇجى نۈەن فۇرۇڭ ۋە دۆلەت رەئىسى نۈەن شۈەنفۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلىشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ئاساسەن، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

دۇ ۋانچىن مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە، ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ