ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 09:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى 13-سېنتەبىر سۆز قىلىپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 7-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى!

باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمى ئاۋمېننىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ سايلام قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى. سايلام نەتىجىسىدە «ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپى، دېموكراتىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ سايلام جەريانى ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا، پاك، سايلام تەرتىپى ياخشى بولدى؛ سايلامدا ئاۋمېننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسى يەنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، سىغدۇرۇشچان، ئىناق ئىجتىمائىي كەيپىياتى نامايان قىلىندى.

باياناتچى مۇنداق دېدى: ئاۋمېننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ئاۋمېندىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پائال قوللاپ، باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有