ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 15:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرلەرنى كۆپرەك پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن، باي-باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشقان ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قارادۆڭ كەنتىدىكى 950 مو يەردىكى ياڭاقلار يىغىۋېلىنماقتا. بۇ يەر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، ئىلگىرى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ئىچىدىكى ئېغىر نامرات رايون بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياڭاقلىرىنى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كەنتتىكى ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش كوپىراتىپىغا بېرىپ ئايرىپ، ئوراپ قاچىلىدى.

بۇلتۇر 9-ئايدا ئېچىلغان 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى.

خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشقان ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قەدىمى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. بۇ يىل 6-ئايدا يېڭىدىن قاتناش باشلانغان بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، سودا ئىشلىرىنىڭ تېز يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ 1629 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدە ئىش باشلاپ، 227 مىڭ ئائىلىلىك ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى. نۆۋەتتە، يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ 2000 دىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ بۇلتۇر 9-ئايدا شەندۇڭ ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن يېڭى مەكتەپ، بۇ مەكتەپتىكى 1700 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى شۇ جايدىكى تۆت يېزا-بازاردىن كەلگەن. ھازىر، بۇ يەردە مۇكەممەل ئوقۇتۇش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاندى، بالىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەلنەغمە، خەتتاتلىق قاتارلىق 20 نەچچە ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيىتىگە قاتنىشالايدۇ.

خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشتا، كەسىپ تەرەققىياتى ئاچقۇچ. شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل ساھەلەرنى چۆرىدەپ، «ئون چوڭ كەسىپ»نى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمدە 200 مىڭ نان قىرغىزىستانغا ئېكسپورت قىلىندى. ھازىر، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا نانچىلىق باغچىسى قۇرۇلدى، نانچىلىقتا 113 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 57 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

ساياھەتچىلىكمۇ مۇقىم تەرەققىي قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭ جەمئىي 138 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ساياھەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. 9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يەنە كۈز ۋە قىشلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى يولغا قويدى.

«ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 732 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشتى، «14-بەش يىل» ياخشى باشلاندى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىسى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئىناق، بەختلىك گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرلەرنى كۆپرەك پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن، باي-باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.