ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار كۆمۈر ئېلېكتىر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-11 15:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جايلار، تارماقلار يېقىندىن بۇيان كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر تەمىنات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەكشى يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلماقتا.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئوردوس شەھىرى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەتنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى جەھەتتە ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي 77 مىليون 60 مىڭ توننا كۆمۈر تەمىنات كاپالىتى توختامىنى ئىمزالىدى. كۆمۈرنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك توختامىنى ئىمزالاش-ئېلىمىز يولغا قويغان كۆمۈر تەمىنات-ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، كۆمۈر باھاسى زىيادە ئۆرلەپ كېتىشنى تەكشى توسۇش جەھەتتىكى بىر ئۈنۈملۈك تەدبىر. يېقىنقى مەزگىلدە دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، ئوردوس شەھىرى تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك توختامنى تولۇقلاپ ئىمزالاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى. ئوردوس شەھەرلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خو لىپىڭ مۇنداق دېدى: بىز توختام ئىمزالىغان كارخانا ۋە ئۆلكە، رايونلارنى توختامدىكى ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلىمىگە ئۇچراتماي، خەلقنىڭ قىشتىن ئىسسىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلدۇق.

ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولغان شىنجاڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنى ئۆستۈردى. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك 93 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.4 ئاشتى. بولۇپمۇ 3-پەسىلدە، شىنجاڭ 46 قېتىم رايون، ئۆلكە ھالقىغان ئېلېكتىر سودىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي رايونغا 13 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت توك بىلەن ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئالاقىدار ئۆلكىلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ۋە قوللاپ، تۆمۈريولدا توشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇردى. شىنجاڭنىڭ قۇمۇلدا، تۆمۈريول تارماقلىرى شۇ جايدىكى كۆمۈر كارخانىلىرى بىلەن ھەر كۈنى سەككىز پويىزنى يولغا سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، توققۇز پويىزنى يولغا سېلىشقا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت تىرانسپورت نىشانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، كۆمۈر توشۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇمۇل يۈك تىرانسپورت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: كۆمۈر بىزنىڭ ۋوگزالغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بىز ئۆز تەۋەلىكىمىزدە تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىمىز، يەنە ھىم قاچىلاپ پۇختا قىلىپ، ئۆلچەمگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، نورمىدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

سەنشى ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار سەنشىدە يېقىندا يۈز بەرگەن كەلكۈننى كۆزدە تۇتۇپ جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى ۋە كۆمۈر كارخانىلىرىدىن تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق يامغۇر ۋە يامغۇردىن كېيىن پەيدا بولغان يانتۇلۇق سىيرىلىپ چۈشۈش، گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار كۆمۈر ئېلېكتىر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلماقتا

جايلار، تارماقلار يېقىندىن بۇيان كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر تەمىنات خىزمىتىنى