يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما مۇنبىرى ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگونىڭ ۋېنادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى «قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئارا نەتىجە يارىتايلى» دېگەن باش تېمىدا ۋىدېيولۇق مۇنبەر ئۇيۇشتۇردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ۋېنادىكى ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى توردا مۇنبەرگە قاتناشتى.
جۇڭگو ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.