ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې راۋىقىدا موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۇنئېردىن بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش قوشنا دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ يىل 7ـ ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ خورولسۇخ بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ھازىر ئىككى دۆلەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتكە، رايونغا پايدىلىق.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ھەمكارلىقىنى، ئىككى تەرەپ سودىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە چېگرا ئېغىزىدە تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاكىز، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگونىڭ كۆمۈر بايلىقى مول، بىز يەنىلا كۆپ مەنبەلىك ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆمۈر سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇڭگو ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازار پىرىنسىپى ۋە سودا قائىدىسى بويىچە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇۋاپىق، مۇقىم باھا ئارقىلىق ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋان، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ئويۇنئېردىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يولغا قويغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ قېزىلما بايلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، موڭغۇلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.









中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې راۋىقىدا موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئويۇنئېردىن بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى.