ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، يوللىرى ياخشى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 16:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ قاتناش تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى گو شېڭ مۇنداق دېدى: «يېزا تاشيولى ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايون، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسى، تۈزلەڭلىك، بوستانلىقتىكى پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىش، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى قىلىشىدىكى بىردىنبىر يولى، شىنجاڭنىڭ يېزا نوپۇسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ% 65 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، 800دىن ئارتۇق بوستانلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالغان، ناھىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 112 كىلومېتىر، ناھىيە بىلەن يېزىنىڭ ئوتتۇرىچە مۇساپىسى 35 كىلومېتىر، كەنت بىلەن ناھىيەنىڭ ئارىلىقى تېخىمۇ يىراق.

بۈگۈنكى كۈندە «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ كېڭەيىشىگە ئەگىشىپ، يېزا-كەنت بىلەن شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان يول راۋان ھەم قولايلىق بولدى. 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 146 مىڭ 800 كىلومېتىر (بىڭتۈئەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يېتىپ، «12ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن 30 مىڭ كىلومېتىر كۆپىيىپ، %26 ئاشتى، ناھىيە بازىرىنى مەركەز، يېزا ـ بازىرىنى تۈگۈن، ئىشتاتلىق كەنتلەرنى تور نۇقتىسى قىلغان يېزا تاشيول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، يېزا تاشيوللىرى كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن نەپ ئالغان نوپۇس 9 مىليون 330 مىڭغا يەتتى.

شىنجاڭدا راۋان «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ بېيىتىش يولىغا ئايلاندى.

گو شېڭ مۇنداق دېدى: «يېزا تاشيولى +» ئەندىزىسى يېزا تاشيولى بىلەن ساياھەت، كەسىپ، تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش ۋە ئۆزگىچە كىچىك بازار، سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىقلارنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنى تۇتاشتۇرۇش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

«13- بەش يىل»دا شىنجاڭ يولغا قويغان يېزا-كەنت ساياھەت يولى، كەسىپ يولى، بايلىق يولى 5849 كىلومېتىرغا يەتتى.

2020-يىلى 5-ئايدا، نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغان ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى سويۇتقۇ كەنتىدىكى دېھقان ئەخەت مامۇت ئەر ـ ئايال ئىككىيلەن يول ئاسراش خادىمى بولۇپ، بىر يىلدا 24 مىڭ يۈەن مۇقىم كىرىم قىلدى، ئۇلار كەنت، گۇرۇپپا يوللىرىنى ئاسراش خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، يەنە كالا، قوي بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدى. ئەھەت مامۇت مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش بويىچە بىزگە كالا ـ قوي بېرىپ، نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىشىمىزغا ياردەم بەردى. بىز ھازىر يول ئاسرىغۇچىغا ئايلاندۇق، ھەر ئايدا مۇقىم مائاش ئالىمىز، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، يوللىرى ياخشى

شىنجاڭ قاتناش تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى گو شېڭ مۇنداق دېدى: «يېزا تاشيولى ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايون،