ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى د‍ائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 ـ سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-20 09:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنى 19-ئۆكتەبىر ئېچىلدى، يىغىندا ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسى، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى قاتارلىق كۆپلىگەن قانۇن لايىھەلىرى قاراپ چىقىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى 18-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ھازىر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايى ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ، جىنايى ئىشلار جىنايىتى دېلولىرى ئىچىدە ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەپ، نۆۋەتتىكى دېلو ئەڭ كۆپ، زىيان ئەڭ چوڭ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك گەۋدىلىك جىنايەتكە ئايلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. شۇڭا ئېلىمىز تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا قارىتا قانۇن چىقىرىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ساڭ تيېۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بەلگىلەندى. تېلېفون كارتىسى، نەرسە تورى كارتىسى، پۇل مۇئامىلە ھېساباتى، ئىنتېرنېت ھېساب نومۇرىغا ئالاقىدار ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تېخنىكا تەدبىرلىرى بەرپا قىلىنىپ، ساھە ھالقىغان، كارخانىلارنى بىر تۇتاش كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۈيۈك مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈم مەدىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. ئالدامچىلىققا چېتىشلىق ئالاقىدار قانۇنسىز مۇلازىمەتلەر، ئۈسكۈنىلەر، كەسىپلەرنى تۈزەش كۈچەيتىلىدۇ. قانۇن جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جازالاش سالمىقى زورايتىلىدۇ.

ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان ئارگىنالى بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ، لايىھەدە ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ چەك-چېگراسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسىگە ماس كېلىدىغان مەزمۇن تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ساڭ تيېۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش، تورغا مەستانە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەكتەپ مائارىپى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى د‍ائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 ـ سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنى 19-ئۆكتەبىر ئېچىلدى،