ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا نەزەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-21 09:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 5-يانۋار چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلەپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. باش شۇجى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئوڭشاشنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى تەڭ تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەمدى «يېڭى ئىدىيە يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا-دەۋرنىڭ جاۋابى» ماۋۇزلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى، ئالتۇن سۇ يولىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا نەزەر» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى چۇڭچىڭدا، «گاڭشېڭ 1616» ناملىق پاراخوتنىڭ يۈك بۆلمىسىدىكى يۈك ساندۇقلىرى بىر-بىرلەپ كىران بىلەن چۈشۈرۈلدى. «گاڭشېڭ 1616» ناملىق پاراخوت ئېقىن بويلاپ يۈرۈپ كەتتى، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، چاۋتيەنمېن ئەمدىلىكتە ئادەم كۈچى بىلەن مال توشۇيدىغان يۈك يىغىش-تارقىتىش ئورنى بولماستىن، بەلكى ساياھەت پاراخوتلىرى توختايدىغان ئىككى دەريانىڭ تۆت قىرغىقىدىكى ئاۋات مەركەزگە ئايلاندى. ئىلگىرى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى يۈك پاراخوتلىرى تەرەققىيات دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان دېڭىز بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن باغلانغان ئىدى. ھازىر، لىنىيە بويىدىكى جايلار تەڭكەش تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرماقتا.

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى خۇبېي ئۆلكىسى پۈتۈن ساھەلىك ساياھەتنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان سىناق ناھىيە قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئېكولوگىيە بايلىقىدىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. خۇبېي ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چاڭيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ياغاچ غوللۇق ئاشلىق-ياغ زىرائەتلىرى، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي ئورمان، ئورمانلىق ئارقىلىق ساغلاملىققا نەپ يەتكۈزۈش، ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، سۇلارنى تېخىمۇ سۈزۈك، تاغلارنى تېخىمۇ يېشىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بايلىق قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ چاڭجۇ بۆلىكىدە ئېكولوگىيەنى ئوڭشاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىنجياڭ خىمىيە سانائىتى باغچىسىدىكى خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى %80 ئازايتتى شۇنداقلا چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا يېشىل توسۇق بەرپا قىلدى.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئاساسىدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش-ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە تەڭشىلىشىنى تەڭ تېزلىتىش شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىشىش ۋە مۇلازىمەتلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەش؛ جۇڭگو داڭلىق ماركىسى، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا نەزەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 5-يانۋار چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلەپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى.