ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ چىشەن چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەتئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچىلار ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-21 09:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەتئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچىلار ئەزالىرى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى. ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىشتىن خالى ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش؛ سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، رەقەملىك ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش؛ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىش؛ مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە يۇغۇرۇلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئەزالارنىڭ جۇڭگو بىلەن چەتئەلنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق مەنپەئەتكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ چىشەن چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەتئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچىلار ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەتئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچىلار ئەزالىرى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.