14-بەش يىلدا ئېلىمىزدە تەخمىنەن 1000 تەنتەربىيە باغچىسى قۇرۇلىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە تارماق 10-ئاينىڭ 29-كۈنى «تەنتەربىيە باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بىرلىشىپ تارقىتىپ، «14-بەش يىل»دا ئېلىمىزدە تەخمىنەن 1000 تەنتەربىيە باغچىسى قۇرىلىدىغانلىقى ۋە كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەنتەربىيە باغچىسى قۇرۇلۇشى دائىملىق نوپۇس بويىچە ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، دائىملىق نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان مەمۇرىي رايون (ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون ۋە يېزا ـ بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا 100 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولمىغان تەنتەربىيە باغچىسى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %15تىن، كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان يەر نىسبىتى %65تىن تۆۋەن بولمايدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان پىيادىلەر يولى ئىككى كىلومېتىردىن ئاز بولمايدۇ، ئاز دېگەندە 10دىن ئارتۇق تەنھەرىكەت مەيدانى بولىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرغىلى بولىدىغان تەنتەربىيە تۈرى بەشتىن ئاز بولمايدۇ.