ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر» چىقىرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-11 10:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چىقاردى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش، لايىھەلەش، ئوڭشاش، باشقۇرۇش، قوغداش قاتارلىقلارغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىش، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىش، جامائەتچىل قاتنىشىش قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم قاتنىشىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئوڭشاش، ئېتىز-ئېرىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئوڭشاش، شەھەر-بازار ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئوڭشاش، كان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئوڭشاش، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئوڭشاشقا نۇقتىلىق قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش ھەم ئېكولوگىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۈلۈك ھوقۇقىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەتنى قويۇپ بېرىپ، «كىم ئوڭشىسا، شۇ مەنپەئەتلىنىش»تىن ئىبارەت ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاش بازار مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر» چىقىرىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چىقاردى.