ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەپ قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى سىستېمىسى ئاساسەن شەكىللەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-15 16:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

14-نويابىر «مەدەنىيەت مۈلكىنى قانۇنسىز توشۇش-سېتىشقا زەربە بېرىش خەلقئارا كۈنى». دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەش، قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى سىستېمىسىنىڭ ئاساسەن شەكىللەنگەنلىكى، 1700 دىن ئارتۇق يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇەن چياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو 1989-يىلى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇنغا خىلاپ چىقىرىش-كىرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشنى چەكلەش، ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە»گە قاتناشقان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە زەربە بېرىش، چەتئەللەردە يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەپ قايتۇرۇۋېلىش ساھەسىدە بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەپ قايتۇرۇۋېلىش باشلىقلار دىپلوماتىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەخسۇس قايتۇرۇۋېلىش ئىشخانىسى قۇرۇپ، نىشانى ئېنىق، ئىش تەقسىماتى ئىنچىكە، كۈچ ئەمەلىيلەشكەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن خىزمەت سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈردى. 1700دىن ئارتۇق يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋەتىنىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

گۇەن چياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەدەنىيەت مۈلكى دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنسىز توشۇش-سېتىش تەھدىتى ۋە خىرىسى يەنىلا كەسكىن، تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەپ قايتۇرۇۋېلىش خەلقئارا تەرتىپى ئورنىتىشتا ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر، مەنزىل يىراق، جۇڭگو ئەھدىنامىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ. «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەپ قايتۇرۇۋېلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت پىلانى پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، خىزمەت سالمىقى كۈنسېرى زورايتىلدى. نۆۋەتتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بازىرىدا ئىزدەپ قايتۇرۇۋېلىش، چېگرادىن كىرگۈزۈشنى باشقۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكى قاتارلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەھدىنامىگە ئۈنۈملۈك ئەمەل قىلىدىغان قانۇن ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىشىمىز لازىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有