ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارارى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 14:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ نيې خەيشېڭغا «1- دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، ليۇ بومىڭغا «2-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، تاڭ خۇڭبوغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام ھەمدە «3-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 23-نويابىر نيې خەيشېڭغا «1-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، «ليۇ بومىڭ»غا «2-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، تاڭ خۇڭبوغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام ھەمدە «3-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى، قارارنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

2021-يىلى 17-ئىيۇن، ئېلىمىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا تېز تۇتاشتۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى ھەمدە بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي سىناق ۋە بوشلۇقتا قوللىنىش ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوربىتىدا ئۈچ ئاي تۇرۇپ، 17-سېنتەبىر ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلدى. شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەملىك مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قېتىملىق ۋەزىپە بولۇپ، جۇڭگولۇقلار تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىرىپ، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتە ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى سىڭگەن. نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو قاتارلىق يولداشلار ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، ئۇلار بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش نيې خەيشېڭ ئۈچ قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئىككى قېتىم قوماندانلىق قىلىپ، ئوربىتىدا 100 كۈن تۇرغان تۇنجى جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى. يولداش ليۇ بومىڭ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئىككى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بۇ قېتىم ئىككى قېتىم بۆلمىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. يولداش تاڭ خۇڭبو پۇختا مەشىق قىلىپ، جاپالىق چېنىقىپ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۆلمىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش نيې خەيشېڭغا «1- دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، يولداش ليۇ بومىڭغا «2-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، يولداش تاڭ خۇڭبوغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام ھەمدە «3-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

يولداش نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۈكسەك ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئۈلگىلەر، نەمۇنىلەر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، بۇرچىغا سادىق بولۇشتەك قەتئىي ئېتىقادىدىن، ئۇلارنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك ئىنقىلابىي روھىدىن، ئۇلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي قالتىس نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن، ئېھتىياتچان، ئىنچىكە بولۇش، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىشتەك ئەمەلىي ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، دادىل ئىزدىنىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت، تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشقا چاقىردى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنېشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەتلىك ياراملىق بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارارى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ نيې خەيشېڭغا «1- دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، ليۇ بومىڭغا «2-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى»، تاڭ خۇڭبوغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام ھەمدە «3-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى