ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-22 16:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي فۇنكسىيەسى. ئۇسۇل ئىلمىي بولۇش، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، ۋاقتىدا، توغرا، ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇش، ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سان جەھەتتىكى چىرىكلىك»نى قەتئىي توسۇپ، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىك نەتىجىسىنى ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى ئىستاتىستىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» تارقىتىلدى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى