ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«قوش كېمەيتىشنى ئازايتىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-22 16:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مائارىپ مىنىستىرلىقى 21-دېكابىر «قوش كېمەيتىش» سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتى توردا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ %83.8، پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتى توردا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ %84.1 ئازايتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى.
تۆۋەندە «خەلق تۇرمۇشىغا جاۋاب قايتۇرۇش، باھالاپ بېقىڭ» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزنىڭ «قوش كېمەيتىشنى ئازايتىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى» دېگەن قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ؛

ھازىر دەل «قوش كېمەيتىش» سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەۋسۇم ئاخىرى، بىر مەۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى، مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى قانداق بېرىش كېرەك؟؛ جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى دوڭخۇ رايونى ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات كافېدراسىنىڭ ئەزاسى يۈەن لىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۆۋەن يىللىقتىكى بالىلاردا ئەمدى ئىمتىھان سوئالى بولمايدۇ، بەلكى «يۇلتۇز دەرىجىلىك تۈزۈم»، «نومۇر جەملەش تۈزۈمى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئوقۇشى تەكشۈرۈلىدۇ.

مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىشمۇ «قوش كېمەيتىش» نىشانىنىڭ بىرى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، قېپقالغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر قىسمى پايدا ئالمايدىغان ئاپپاراتلارغا ئۆزگەرتىلىدۇ، كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىرى يەنىمۇ بىكار قىلىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ مېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقى باشقا تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«قوش كېمەيتىشنى ئازايتىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى»

مائارىپ مىنىستىرلىقى 21-دېكابىر «قوش كېمەيتىش» سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتى توردا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ %83.8،