ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-22 16:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 64-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 21-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى(لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2022-يىللىق كېڭىشىش پىلانى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش چارىسى، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق ئۆگىنىش لېكسىيەسىنىڭ پايدىلىنىش تېمىسى قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 2021-يىلى كۆڭۈل بۆلگەن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى، مىللەت ۋە دىن كومىتېتى، شياڭگاڭ- ئاۋمېن-تەيۋەن چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇئاۋىن رەئىسلەر ئايرىم ئايرىم خىزمەتلەر ھەققىدە باھا بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.