ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى ۋىننىي مولىنا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو كومپارتىيەسى يۈز يىللىق شانلىق تارىخىدا ۋۇجۇتقا چىقارغان ئۇلۇغ ئىشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ»، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-23 16:20

ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى ۋىننىي مولىنا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو كومپارتىيەسى يۈز يىللىق شانلىق تارىخىدا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇلۇغ ئىشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ»، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ئامما بىلەن ئىزچىل قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى ۋە تارىخى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلىدى، «بۇ مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتتە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم».

مولىنا 2009-يىلدىن باشلاپ ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى بولغان. 2020-يىلى 10-ئايدا، ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى فۇجيەن ئۆلكىلىك كومىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى» ناملىق خەلقئارالىق نەزەرىيەۋى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرى دوكلاتى ئۇنى ھاياجانغا سالغان. مولىنا مۇنداق دېدى: مۇتلەق نامراتلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىشنى جۇڭگوغا ئوخشاش زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا قالتىس زور مۇۋەپپەقىيەت دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتقان پارتىيە. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى، بىز خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆردۇق.

مولىنا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمىدىن تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق يۇقۇمنى مەغلۇپ قىلىدىغان كۈچلۈك قورال». جۇڭگو بۇ نۇقتىدا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولدى. «ۋاكسىنىنى دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش ۋەدىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇندىدى»، «نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بىئوتېخنىكا ساھەسىدىكى ئالاقىدار ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى» ۋەھاكازالار. ئۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى ۋە «يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىزگە موھتاج» دەپ تەكىتلىدى.

بارلىق پارتىيەلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەرەققىياتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچىنى قانداق ساقلاپ قېلىش بىر قىيىن مەسىلە. مولىنا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تەجرىبىسى باشقا دۆلەتلەر پارتىيەلىرىنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. تەرەققىياتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پارتىيەلەر بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ياشلارغا ئۈلگە بولۇشى، ياشلارنى پارتىيەنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشقا ئاتلاندۇرىشى كېرەك.

مولىنا مۇنداق دەپ قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش» ناملىق كىتابتا باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە جۇڭگونىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈر.

بۇ يىل 5-ئايدا، مولىنا ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو تەشكىللىگەن دۇنيا ماركسىزم پارتىيەسى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە يۇقۇم نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋىدېيو ئارقىلىقمۇ ئىدىيەۋى كۆزقاراشلىرىمىزنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك پۇرسەت. جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مولىنا مۇنداق دېدى: «يۈز يىللىق تەرەققىياتنىڭ شانلىق تارىخىنى بېسىپ ئۆتۈش بىر پارتىيە ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن جۇڭگو خەلقىگە ۋە جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىخى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمنى تىلەيمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى ۋىننىي مولىنا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو كومپارتىيەسى يۈز يىللىق شانلىق تارىخىدا ۋۇجۇتقا چىقارغان ئۇلۇغ ئىشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ»، دېدى

مولىنا 2009-يىلدىن باشلاپ ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى بولغان.