ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو كومپارتىيەسى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 10:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تۆزگەن «جۇڭگو كومپارتىيەسى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

كىتاب ئارگىنالىنى يېزىش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، مۇھىم تەستىق سالدى، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئارگىنال تەييارلاش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مەركىزىي كومىتېت ئارخىپخانىسى (دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى) قاتارلىق مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە ياردەم بەردى.

بۇ كىتابتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئۈچ تارىخىي قارارىغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، پارتىيەنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسى ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەقىقىي خاتىرىلىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلىرى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات تارىخىدىكى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم فاڭجېن، مۇھىم ۋەقەلەر، مۇھىم پائالىيەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىدىكى ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق يەكۈنلىنىپ، پارتىيە قۇرۇش ئۇلۇغ روھى ۋە پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگىچە ئىدىيەۋى-سىياسىي ئەۋزەللىكى مەركەزلىك نامايان قىلىندى، بۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇق، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات تارىخىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي دەرسلىك.







中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو كومپارتىيەسى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تۆزگەن