ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ چىشەن جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 10:43

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى زۇڭلىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاپىد بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا ۋىدېيولۇق رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋاڭ چىشەن بىلەن لاپىد ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى ئىسھاق خېرزوگنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى. ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىر بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ، ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ كاشىلىسىغىمۇ ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 2018- يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى» يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق مەزمۇنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، يېڭىلىق يارىتىش ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئورنىغا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىدىيەدە تېخىمۇ ئازاد بولۇپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، يول ئېچىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لاپىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسرائىلىيە-جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىسرائىلىيە جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
يىغىندا ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد-سودا، سەھىيە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىق نىشانى ھەمدە تەدبىرلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ چىشەن لاپىد بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو-ئىسرائىلىيەنىڭ 2022-يىلىدىن 2024-يىلغىچە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى»نى ئىمزالاپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، پاكىز ئېنېرگىيە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلەردىكى يەتتە تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى ھەمدە جۇڭگو-ئىسرائىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ تور ئىچى ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى. 





中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ چىشەن جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى زۇڭلىسى،