ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-10 11:41

دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ باج سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدىن پايدىسىدىن، ئالاقىدار كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ۋە رايون تەرەققىياتىدا قوش مول ھوسۇل ئېلىنغان.

قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 3-ئايدا، بېيجىڭنىڭ يەنچىڭ ۋە خېبېينىڭ جاڭجياكۇ چۇڭلى تەنتەربىيە كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %65 ۋە %62.6 ئاشقان، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.2 ۋە %68.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چۇڭلى ئەلئىچى تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان، چېنىقىش، ئىستىراھەت تەنھەرىكىتىنىڭ 1-پەسىلدىكى سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.3 ئاشقان؛ يەنچىڭنىڭ مۇسابىقە تەشكىللەش مۇلازىمىتى بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىپ، 1-پەسىلدىكى سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئاشقان. يەنچىڭ يېزا-كەنتلەردىكى ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. يەنچىڭ رايونى جىڭجۇاڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىش ئورنى بارغانسېرى كۆپەيدى، پۇقرالار ئۆزلىرى خوجايىن بولدى، يەنە ئۆي ئىجارىگە بەردى، بەزىلەر پۇقراۋى قونالغۇ باشقۇرغۇچىسى بولدى، كىرىم كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان چۇڭلى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى يۇرتقا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى. سىرتتا خىزمەت قىلغان 34 ياشلىق لى جيەنجياڭ كومپيۇتېر كەسپىنى ئۆگەنگەن ئىدى، چۇڭلىدىكى تەنتەربىيە ئىستىراھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى-لى جيەنجياڭغا ئوخشاش كومپيۇتېر كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ چۇڭلى قار-مۇز بازارچىسى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ مەسئۇلىغا ئايلاندى. لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، مەن ھەر كۈنى ئۆيگە قايتىپ ئۆيدىكىلىرىمگە ھەمراھ بولىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىغا ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشۇۋاتىمەن، مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەخت تۇيغۇم.

سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسىلدە، چۇڭلى، يەنچىڭ يېمەك-ئىچمەك كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 3.5 ھەسسە ۋە %55.9 ئاشقان.

بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، چۇڭلى، يەنچىڭ كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.4 ھەسسە ۋە 1.6 ھەسسە ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە چۇڭلى، يەنچىڭ سەيلە-ساياھەت باغچىسىنىڭ مۇلازىمەت ۋە سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 32.3 ھەسسە ۋە 15.9 ھەسسە ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قار-مۇز تەنھەرىكىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئالاقىدار تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، 1-پەسىلدە، چۇڭلى، يەنچىڭنىڭ تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشتىن قىلغان كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %61.6 ۋە %47.3 ئاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قىسمەن مەيدان-سارايلىرى «1-ماي» بايرىمىدىن بۇرۇن ئارقا-ئارقىدىن ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن. جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى دەي بىن بۇ بىر يۈرۈش سىياسەتلەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، كەسىپ ئەندىزىمىز ئېچىلىپ، بازار تېخىمۇ ئاۋاتلاشتى دېدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ باج سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدىن پايدىسىدىن، ئالاقىدار كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ،