ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈنىگە 50 كىلومېتىر يول يۈرۈپ يەر ئاستى تۇرۇبا تورى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان يەر ئاستى سۇ يولى ئاسراش ئىشچىسى-ۋاڭ زېۋېي

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-10 17:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: 

بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىشتەك كۈرەش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بۈگۈن بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان شەخس، بېيجىڭ شەھىرى سۇ چىقىرىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 3-تۇرۇبا تورى تىجارەت تارماق شىركىتىنىڭ يەر ئاستى سۇ تۇرۇبا يولىنى ئاسراش ئىشچىسى ۋاڭ زېۋېي بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

20 ئاممىۋى يول، 50 كىلومېتىردىن ئارتۇق تۇرۇبا لىنىيەسى، 2700 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئېغىر ۋەزىپە. بۇ-بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، يەر ئاستى سۇ تۇرۇبا يولىنى ئاسراش ئىشچىسى ۋاڭ زېۋېي بېسىپ ئۆتكەن يول. پايتەخت تەنتەربىيە سارىيى ۋە فىگۇرا چىقىرىپ قار تېيىلىش، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مەشىق مەيدانى ئەتراپىدىكى سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن، ۋاڭ زېۋېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىزچىل ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ۋاڭ زېۋېي مۇنداق دېدى: بىز بۇ مەيدان ساراينىڭ ئەتراپىنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، بۇ يەردىكى پاسكىنا سۇ قۇدۇقلىرىنى تەكشۈرىمىز، ئاندىن قۇدۇقنى ئېچىپ سۇيۇقلۇق ئورنىنى كۆزىتىمىز.

2-ئاينىڭ 8-كۈنى، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 4- مۇسابىقە كۈنىدە، پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پاسكىنا سۇ تۇرۇبا لىنىيەسىدە سۇ ئورنى يۇقىرى بولدى. ۋاڭ زېۋېي دەرھال يېپىق ھالقىلىق خىزمەت رايونىغا كىرىپ، قۇدۇق ئېچىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش، سۇ تارتىش، توسۇقنى ئېچىش قاتارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى. بىر قاتار جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش مەشغۇلاتى توپتوغرا 10 سائەت داۋاملاشتى ھەمدە يېپىق ھالقىلىق پاسكىنا سۇنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىش خەۋپىنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىندى. ئۇ مۇخبىرغا: خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى روھىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ئەگەر بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمىسەك، بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىساق، مەيدان-سارايلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پاسكىنا سۇ يول يۈزىگە چىقىپ كېتىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى روھى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش دېمەكتۇر، بۇنى خۇددى بىزگە ئېيتىلغاندەك ھېس قىلىمەن، دېدى.

بېيجىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش گۇرۇھى تۇرۇبا تورى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۈ لىشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، گۇرۇھىمىزدا جەمئىي 41 گۇرۇپپا ئادەم بار بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىق ھالقىلىق مەيدانى ئەتراپىدىكى ئاساسىي نۇقتىدا خىزمەت قىلدى. ۋاڭ زېۋېيغا ئوخشاش كەسپىنى قەدىرلەيدىغان سۇ چىقىرىۋېتىش ئىشچىلىرى پۈتكۈل قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە «خىزمەتنىڭ مۇكەممەل بولۇشى»غا كاپالەتلىك قىلدى، ۋاڭ زېۋېي مۇنداق دېدى: قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كاپالەت ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن، كۆپچىلىك قانداق قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تىرىشىپ يېڭىپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك كاپالەت خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى.    تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۈنىگە 50 كىلومېتىر يول يۈرۈپ يەر ئاستى تۇرۇبا تورى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان يەر ئاستى سۇ يولى ئاسراش ئىشچىسى-ۋاڭ زېۋېي

بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، خىزمەتنىڭ