ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-22 10:50

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يەر نامى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى ئۇچۇرى، تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلقئارا ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «نىزام»نىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى يولغا قويۇلۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام» جەمئىي يەتتە باب، 44 ماددا بولۇپ، يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى يەر ناملىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

بىرىنچى، باشقۇرۇش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.«نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك؛ يەر ناملىرىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.ئىككىنچى، تۈزۈلمە-مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «نىزام»دا بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يەر ناملىرى خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر ناملىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى بەلگىلەندى.ئۈچىنچى، نام بېرىش، نامىنى ئۆزگەرتىشنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. «نىزام»دا يەر نامى بېرىش قائىدىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يەر نامى بېرىش، نامىنى ئۆزگەرتىشتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، پىكىر ئېلىش قاتارلىق تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەر نامى بېرىش، نامىنى ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش تەرتىپى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ بەلگىلىنىپ، يەر ناملىرىنى ئەنگە ئېلىش، ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. تۆتىنچى، يەر ناملىرىنى ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا يەر ناملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان خەت، ئۇنىڭ ئوقۇلۇشى، قوشۇپ يېزىلىشى قاتارلىقلار قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت يەر ناملىرى ئۇچۇر ئامبىرىنى بىر تۇتاش قۇرىدۇ دەپ بەلگىلەندى، يەر ناملىرى ئۇچۇر بايلىقىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى، ئۆلچەملىك يەر ناملىرىنى ئىشلىتىش دائىرىسى، يەر ناملىرى بەلگىسىنى باشقۇرۇش، ئۆلچەملىك ئادرېس تۈزۈش، ئۆلچەملىك يەر ناملىرىنى نەشر قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.بەشىنچى، مەدەنىيەتنى قوغداش تەكىتلەندى. «نىزام»دا مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە، جۇڭخۇانىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھەمدە زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي گەۋدىگە نام بېرىش ۋە نامىنى ئۆزگەرتىش گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىشقا سۇنۇلۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. يەر نامى مەدەنىيىتىنى قوغداش مەخسۇس بابى تەسىس قىلىنىپ، يەر نامى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، قوغداش تىزىملىكى تۈزۈش، ئارخىپ باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، «نىزام»دا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەر نامى بېرىش، نامىنى ئۆزگەرتىش، ئەنگە ئالدۇرماسلىق ياكى ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرماسلىق، ئۆلچەملىك يەر نامىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتمەسلىك، يەر نامى بەلگىسىنى بۇزۇۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارىتا مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىق بەلگىلەندى.
تەرجىمان: پاتىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى،