ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمى پۇختا ئىلگىرىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-25 14:37

4-ئاينىڭ 24-كۈنى،7-جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا «ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى نۇرلاندۇرۇش» باش تېمىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

2022-يىللىق «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى»نىڭ توردا باشلىنىش مۇراسىمىدا «ئارزۇ» ئاساسىي لىنىيە قىلىندى، 2022-يىللىق«جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئاممىۋى پاراۋانلىقى بويىچە ئۈچ ئوبراز ئەلچىسى» جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى جاڭ رۇڭچياۋ، ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ياپىڭ، جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دەن چىشياڭ قاتناشتى. دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ كېجيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئالەم قاتنىشى كۈنىدە«ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى نۇرلاندۇرۇش»باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پۈتۈن جەمئىيەت يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تەلپۈنۈپ، ئەستايىدىل بولۇپ، كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش تەشەببۇس قىلىندى.

ئالەم قاتنىشى كۈنى مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالەم قاتنىشىنى ئېچىۋېتىش كۈنى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قاتارلىق 200 مەيداندىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. خەينەن ئاساسىي مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزىلىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەم قاتنىشىنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا بوشلۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەلگۈسىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى. خەينەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى فېڭ فېي مۇنداق دېدى: خەينەن ئۆلكىسى راكېتا زەنجىرى، سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى، سانلىق مەلۇمات زەنجىرىدىن ئىبارەت «ئۈچ زەنجىر»نى چۆرىدەپ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋېنچاڭ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالەم قاتنىشى كەسپىنى خەينەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمى پۇختا ئىلگىرىلىدى

4-ئاينىڭ 24-كۈنى،7-جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا «ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى