ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ نەم يەرنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-12 10:39

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا نەم يەرنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەم يەرنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەم يەرنى قوغداش قانۇنىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى يولغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ نەم يەرنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنچىللىق يولىغا كىرگۈزۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

لى جەنشۇ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نەم يەرنى قوغداش ۋە ئوڭشاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. نەم يەرنى قوغداش قانۇنىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، نەم يەرنى ئىلمىي قوغداش ئىدىيەسى، پىرىنسىپى ۋە پايدىلىق ئۇسۇل-تەجرىبىلەر قانۇن-تۈزۈم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، مەۋقە نەم يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش، ئوڭشاشقا قارىتىلىپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىلمىي ئوڭشاش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپى بېكىتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى جەھەتتىكى قانۇن چىقىرىش بوشلۇقى تولدۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى بېيىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. قانۇن-نىزاملارنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق گۈزەل نەم يەرلەرنى قوغداپ، نەم يەرنى قوغداشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇننىڭ جېنى ئۇنى يولغا قويۇشتا. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار نەم يەرنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نەم يەرلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە تىزىملىك تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ قوغداش ۋە پايدىلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سىجىللىقتا ئەشيا چىقىرىش ۋە زىيادە تاۋارلاشتۇرۇپ ئېچىشنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى؛ نەم يەرنى ئوڭشاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇشى؛ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى يۈرۈشلەشتۈرۈش، تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نەم يەرنى قوغداشنىڭ تۈزۈم تورىنى زىچ، پۇختا توقۇشى؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە تۆلەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ھەر تەرەپلىمە قوللىنىپ، قاتتىق بولغان قانۇن مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

نەم يەرنى قوغداش قانۇنى 2021-يىلى 12-ئايدا ماقۇللانغان، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ نەم يەرنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا نەم يەرنى قوغداش قانۇنىنى