ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو ئاشلىقى، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش» ئىككى سىياسەت تىزىملىكىنى تۇنجى يولغا قويۇپ، «جياڭسۇنىڭ تاماق قاچىسى»نى چىڭ تۇتۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-23 11:05

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

جياڭسۇ سانائەت چوڭ ئۆلكىسى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئۆلكىسى. جياڭسۇ ئۆلكىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %4.6 ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %5.6 ئاشلىقىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇغداي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىقتا ھەر يىلى يۈز پىرسەنت ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جياڭسۇنىڭ خۈەيئەن شەھىرى خۇڭزې رايونى چاخې بازىرىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىقىدا، كەنت ئاھالىسى جاۋ كېباۋ دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ بۇغداي ھوسۇلىنى باھالاش نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىدى. جاۋ كېباۋ مۇنداق دېدى: مەن ياڭمەي 25 بۇغدىيى، 9108 شالىنى تېرىدىم، ھوسۇل يامان ئەمەس، نورمال بولسا سېتىۋېلىش باھاسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى: بۇغداي دان تۇتۇش مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت پونكىتى كەسپىي تېرىقچىلىق پەرۋىشى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كەنتتىكى دېھقانلارغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق تەننەرخىنى تېجەپ قالدى. دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەننەرخى ئاشتى، ئەمما ھۆكۈمەتمۇ تولۇقلىما بەردى، بىر مو يەرگە 20 يۈەنگە يېقىن تولۇقلىما بەردى، كۈزدە يەنە بىر قېتىم شال تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. ئوغۇت باھاسىنىڭ ئۆسۈش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، ھەر مو يېرىمىزنىڭ تەننەرخىنى تەخمىنەن 50 يۈەن تېجەپ قالالايمىز.

يېقىندا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى، ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى بىرلىكتە «2022ـ يىللىق ئۆلكە بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت تىزىملىكى ۋە قوللاش سىياسىتى تىزىملىكى»نى تارقىتىپ، تىزىملىك شەكلىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۇ يۇڭلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جياڭسۇ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزدى. باھالاشنىڭ رولى ئارقىلىق، يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلىنىپ، مەسئۇلىيەت كۈچەيتىلدى. دۇ يۇڭلىن مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى. بىز دەسلەپكى قەدەمدە بۇ يىل يازلىق ئاشلىق مەھسۇلاتى ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت، كۆلەم، بىرلىك مەھسۇلات، ئومۇمىي مەھسۇلاتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ دەپ، مۆلچەرلىدۇق.

تەرجىمان: پاتىگۈل


中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو ئاشلىقى، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش» ئىككى سىياسەت تىزىملىكىنى تۇنجى يولغا قويۇپ، «جياڭسۇنىڭ تاماق قاچىسى»نى چىڭ تۇتۇش

جياڭسۇ سانائەت چوڭ ئۆلكىسى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئۆلكىسى. جياڭسۇ ئۆلكىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %4.6 ئاشلىق