ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شاڭخەي زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-20 17:02

【جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، ئالەمشۇمۇل ئون يىل】شاڭخەي زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شاڭخەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

شاڭخەي ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركىزى شەھىرى ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ھەمكارلىق ئالاقىسىدىكى باشلامچى شەھەر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شاڭخەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيگە بەش قېتىم تەكشۈرۈشكە بېرىپ، يەر شارى بايلىقىنى سەپلەش ئىقتىدارى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى ئىقتىدارى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئېچىۋېتىش تۈگۈنى، دەرۋازىسى بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى.

شاڭخەي باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ مەبلەغ، ئۇچۇر، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مال قاتارلىق ئامىل بايلىقىنى پائال سەپلىدى. 2021-يىلى، خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى 280 كارخانا ۋە كەسپى ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلار قاتناشتى، كۆرگەزمە كۆلىمىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ شاڭخەي پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 250 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، ۋىۋىسكا ئاسقان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 1700دىن ئاشتى؛ شاڭخەينىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كىرىم-چىقىم ئومۇمىي سوممىسى 17 تىرىليون 980 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

ھازىرغا قەدەر، شاڭخەيگە ماكانلاشقان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ بۇ رايوندىكى باش ئىشتابى 848گە، چەت ئەل مەبلىغىدىكى تەتقىقات مەركىزى 512گە يېتىپ، ئون يىل بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە ئاشتى.

ئون يىلدىن بۇيان، شاڭخەي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى زورايتتى.

جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسى شاڭخەينىڭ يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشتىكى يادرولۇق رايونى. بۇ يەردە C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلغان، كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى، كىۋانت كومپيۇتېرى ئۈلگە كومپيۇتېرى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كەلگەن. ھازىر جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئىشلىتىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى 14 كە يەتتى، بىر يىلدا ئېرىشكەن كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى 35 مىڭدىن ئاشتى.

ئون يىلدىن بۇيان، شاڭخەي كەسىپ زەنجىرى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيو تېببىي دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باشلامچى كەسىپنى يېتەكچى قىلغان، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ھاياتلىق ساغلاملىقى، ئاپتوموبىل، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، ئىلغار ماتېرىيال، مودا ئىستېمال بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ نۇقتىلىق كەسىپنى تىرەك قىلغان يېڭىچە كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. 2021-يىلى شاڭخەي شەھىرىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

ئون يىلدىن بۇيان، شاڭخەينىڭ ئېچىۋېتىلگەن تۈگۈن، دەرۋازا بولۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى. پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمىدا، 59 چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركىتى، 10 دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت كەسپىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان %40 يۈك تىرانسپورت مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلدى. شاڭخەي پورتىدا، يۈك ساندۇقىنىڭ بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى توشۇلۇش مىقدارى 140 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇقتىن ئېشىپ، يىللىق توشۇلۇش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە شاڭخەيگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشلارنى بىر-بىرلەپ بېجىرىش، يىل بويى توختىماي ئىشلەش كېرەك. 70 ياشلىق چېن زىمىڭ ئىلگىرى شاڭخەي مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى كەپە ئۆيلەر ئەڭ كۆپ رايون خۇڭجېن كونا كوچىسىدا تۇرغان بولۇپ، تۇرالغۇ شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. ھازىر بوۋاي بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچ ھۇجرا، بىر مېھمانخانىلىق لىفتلىق ئۆيىدە تۇرىدۇ، بىنادىن چۈشسىلا ئولتۇراق رايون گۈللۈكى.

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شاڭخەي مەركىزى شەھەر رايونىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك كونا رايونىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، 150 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدۇ. تۇرالغۇ شارائىتىنى، شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، خۇاڭپۇجياڭ، سۇجۇخې بويىدا، نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە قىرغاق لىنىيەسى ئاممىنىڭ ئارام ئېلىشىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى بوشلۇق بولۇپ قالدى.

كېيىنكى قەدەمدە، شاڭخەي «مىڭ باغچە قۇرۇلۇشى» پىلانىنى يولغا قويۇپ، 2025-يىلىغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى تۈرلۈك باغچىلارنى ھازىرقى 500دىن، 1000دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، تىرىكچىلىك قىلىشقا، ئولتۇراقلىشىشقا، كۆڭۈل ئېچىشقا، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىدۇ.

يېڭى مۇساپىدە، شاڭخەيدىكى كادىرلار ۋە ئامما غەيرەتكە كېلىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شاڭخەي زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە

【جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، ئالەمشۇمۇل ئون يىل】