ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقىنى تەنقىدلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:22

خەلقئارا جەمئىيەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ۋە كەسكىن سۆزلىشىشىگە قارىماي، جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ھەرىكەت جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق زۆرۈر تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 8-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ تەيۋەندە پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ب د ت نىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ۋە ب د ت كېڭىشىدە ماقۇللانغان 2758-نومۇرلۇق قارارغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. گۇتېرىس مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەيدانىمىز ناھايىتى ئېنىق، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىمىز، بۇ بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەنبەسى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ياردەمچى باش كاتىپى قوشۇمچە گايت باش كاتىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇسام زاكى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە پېلوسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قارايدۇ، تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگو تەيۋەن مەسىلىسىدە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.

پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: پېلوسىنىڭ تەيۋەندە پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. پاكىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوللايدۇ.

چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ نومۇسسىزلارچە باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش قىلمىشى ۋە قەستەن سىياسىي ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئاپەت يىلتىزى. تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى.

لائوس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، «ئىككى جۇڭگو» ياكى «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» پەيدا قىلىش غەرىزىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، كامبودژا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كاڭ فۇ مۇنداق دېدى: كامبودژا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئامېرىكىنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كانانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرگە ئارىلاشقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى.

كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى رايون ۋە خەلقئارا تىنچلىق، بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

سۇرىيە، پەلەستىن، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى كەسكىن قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىغا بېرىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا خىرىس قىلىشى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك، دۇنيا باشتىن-ئاخىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللايدۇ. پېلوسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئالجىرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەسەن رابېشى مۇنداق دېدى: 1971-يىلى تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىدىن چىقىرىۋېتىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، مانا بۇ بىر جۇڭگو مەيدانىنىڭ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، مەيلى كىم تەيۋەندە زىيارەتتە بولسۇن، بۇ پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئىراقنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شورىش.سەھىد مۇنداق دېدى: ئىراق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چىقارغان ئالاقىدار قارارلارنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. شورىش مۇنداق دېدى: ئىراق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1971-يىلى چىقارغان قارارىنى يەنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر جۇڭگونى ئېتىراپ قىلىشى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قوللايدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگو چېگراسىنى ئۆزگەرتىش غەرىزىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇش خەلقئارا قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، ئىراق ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئىزچىل قوللايدۇ.

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقىنى تەنقىدلىدى

خەلقئارا جەمئىيەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.