ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 8-ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:27

جۇڭگو 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 8 - ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى بولدى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىچكى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايلىق خىزمەت پىلانىنى ماقۇللىدى.

پىلانغا ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى 8-ئايدا يەمەن، سۇرىيە، لىۋىيە، پەلەستىن مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى قاراپ چىقىدۇ. جۇڭگونىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئاستىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە «ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداش»، «ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى مەيدان مەخسۇس يىغىن ئاچىدۇ.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت بىر ئايدىن نۆۋەت بىلەن ئۆتەيدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 8-ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى بولدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت بىر ئايدىن نۆۋەت بىلەن ئۆتەيدۇ.