ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى بىر قەدەر تېز ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:54

سودا مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنۇلارنى  ئېلان قىلدى:  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى بىر قەدەر تېز ئاشتى، مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 891 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 21.6 ئاشتى.

6-ئايدا، مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 525 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19.6 ئاشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئېشىپ، مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىمپورتتىن 5.7 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مۇلازىمەت سودىسىدىكى پاسسسىپ بالانىسنىڭ %34.3، 79 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت سودىسى داۋاملىق مۇقىم ئاشتى، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتى 1 تىرىليون 214 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يېتىپ، % 9.8 ئاشتى.

ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولغان ساھەلەر تېلېگراف، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە باشقا سودا مۇلازىمىتى. ئىمپورتنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولغان ساھە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بولدى.

يەر شارى مۇلازىمەت سودا ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسى شىڭ خوۋيۈەن مۇنداق دېدى: بىلىم كۆپ كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت جۇڭگونىڭ ئېكسپورت ئىقتىدارىدىكى يېڭى ئېشىش يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتى 393 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.2 ئاشتى، شىڭ خوۋيۈەن ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە ئاشىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلدى.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى بىر قەدەر تېز ئاشتى

6-ئايدا، مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 525 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19.6 ئاشتى.