ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى پۈتۈن كۈن ئەمەلىي ئۇرۇش بىرلەشمە مەشىقىنى يولغا قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:54

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇرۇش رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى قاتارلىق ئەسكىرىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي جەنۇب قىسمى، شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ھاۋا تەۋەلىكىدە پۈتۈن كۈن ئەمەلىي ئۇرۇش بىرلەشمە مەشىقىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ھالدا بىرلىشىپ قامال قىلىش-تىزگىنلەش، دېڭىزدا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، قۇرۇقلۇققا زەربە بېرىش، ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش قاتارلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملارنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىدى. شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى، قىرغۇچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلان قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ تەرتىپ بويىچە ئۇچۇپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي جەنۇب، شەرقىي جەنۇب ھاۋا بوشلۇقىغا بېرىپ ئالدىن سىگنال بېرىش، قوماندانلىق قىلىش، ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بېسىم قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلدى.

شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشمە قامال قىلىش، كونترول قىلىش ۋە قۇرۇقلۇق، دېڭىزدا بىرلىشىپ زەربە بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تۈردىكى قاراتمىلىق مانېۋىرنى قانات يايدۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تەيۋەن ئارىلىغا كۆپ يۆنىلىش، يۇقىرى سىجىللىقتا دېڭىز ۋە ھاۋادىن  بېسىم قىلىپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئەتراپىنى رازۋېدكا قىلىپ سىگنال بېرىپ، قىسىمنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرگەن.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有