ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەيۋەندىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى پىتىراپ زىيارەت قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:54

تەيۋەندىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى پىتىراپ زىيارەت قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» نىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق تەيۋەن پۇقراسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە پىتىراپ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالمايدىكەن، بۇ قېتىمقى زىيارەت تەيۋەن بوغىزىنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

8-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتىن باشلاپ، تەيبېيدىكى سۇڭشەن ئايرودۇرۇمىغا ئېتىراز بىلدۈرگىلى كەلگەن بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يىغىلدى، ئۇلار ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنى سەۋەبسىز ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى، تەيۋەن خەلقى ئۇنى قارشى ئالمايدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.

سۇڭشەن ئايرودۇرۇمىدىن باشقا، تەيبېي جۈنيۆ مېھمانسارىيىنىڭ ئالدىغا يۈزدىن ئارتۇق ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما يىغىلىپ، پېيلوسىنىڭ پىتىراپ زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.

ئۇلار مۇنداق دېدى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتى ئادەمنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ، كۆپچىلىك خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ئويلايدۇ، داۋالغۇش پەيدا بولۇشنى خالىمايدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有