ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى پېلوسىنىڭ تەيۋەندە پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-05 09:44

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە پېلوسىنىڭ تەيۋەندە پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولدى. بۇ تەيۋەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈش دەرىجىسىنىڭ ئاشقانلىقى بولۇپ، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر.

بۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بەرگەن كەسكىن سىياسىي ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىق، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ئېغىر خاتا سىگنال بەرگەنلىك. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇمىز، قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىمىز.

دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، سىرتنىڭ ھەرقانداق ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىدە كەينى-كەينىدىن خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېرىش-كېلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەنگە ئۈزلۈكسىز قورال سېتىپ بېرىپ، تەيۋەننىڭ «قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كېلىشكە قارشى تۇرۇش»ىغا ياردەم بەردى. ئامېرىكا پارلامېنتى تەيۋەنگە چېتىشلىق خاتا سۆزلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق نۇرغۇن پاسسىپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ئامېرىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى بۇرمىلاپ ۋە قۇرۇقداپ، «تەيۋەن كوزىرى»، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»نى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىقىنى ئۆزگەرتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىتتىپاقداشلىرىنى يېنىغا تارتىپ، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ «تەيۋەن كوزىرى»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خەلقئارادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلىپ، «تەيۋەننىڭ ئورنى بېكىتىلمىگەن» دېگەن سەپسەتىنى تارقىتىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇندى.

«تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ. تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى دائىرلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» خاتا مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى چەكلىشىگە يانتاياق بولۇپ، تەپ تارتماستىن «مۇستەقىللىق»نى كۆزلەپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. بۇ پۈتۈنلەي ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلغانلىق، چوتنى خاتا سوققانلىق!

ئۇلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا جاھىللىق بىلەن خىرىس قىلىپ، «92-يىل ئورتاق تونۇشى»نى ئېتىراپ قىلماي، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىنى پەيدا قىلىپ، جاھىللىق بىلەن «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىللىقنى كۆزلىمەكتە». تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ «مۇستەقىللىق»نى كۆزلەش قىلمىشى ۋە مىللىي مەنپەئەتنى سېتىپ، ئامېرىكا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ھەرىكىتى تەيۋەننى ئاپەت گىردابىغا ئىتتىرىدۇ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. ۋەتەننى چوقۇم بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ. بۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى جاھىل كۈچلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ خام خىيالى سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەيدۇ. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت باشتىن-ئاخىر بىزنىڭ قولىمىزدا چىڭ تۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرى ۋە تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى مەيلى قانداق ھەرىكەت قوللانسۇن، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پېلوسى ئېقىمىدىكىلەر مەيلى قانداق شەكىل بىلەن «تەيۋەننى قوللاپ، جۇڭخۇانى چەكلىسۇن»، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخىي مۇساپىسىنى توسۇيالمايدۇ.

بىز ئامېرىكىنى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تارىخىي جەريانىنى، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىت ۋە ھازىرقى ھالەتنى ئېنىق تونۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىنى ئادا قىلىپ، خاتا يولدا بارغانسېرى يىراقلاپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىمىز.

بىز تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرىگە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» مەقسىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىشنى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»دىن ئىبارەت ھالاكەت يولىدا قارىغۇچىلارچە مېڭىۋەرمەسلىكىنى ئۇقتۇرىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى كۆزلەيدىغان ھەرقانداق قىلمىش جۇڭگو خەلقىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچى ئاستىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار  تۇردى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى پېلوسىنىڭ تەيۋەندە پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە پېلوسىنىڭ تەيۋەندە پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.