ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:31

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كامبودژانىڭ پايتەختى پىنومپىندا 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ھىندىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، رايون خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ساداسى تېخىمۇ كۈچلۈك. رايوندىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرساق. رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەسلىك، قارشىلىشىش يولىغا ماڭماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرساق. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ياخشى يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ۋە ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خىرىسىغا تەڭ تاقابىل تۇرساق.

ئۈچىنچى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان رايون رامكىسىنى بەرپا قىلساق. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى ئورنىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداشنى قوللايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو نەنخەي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە سۇ يولىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، «نەنخەي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نىڭ روھى ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بىردەك كېڭىشىش پىرىنسىپى بويىچە «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە نەنخەي دېڭىزنى تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي ماڭىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەرقىي ئاسىيادىن ئىبارەت گۈزەل ماكاننى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.

يىغىندا خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىندى، لى كېچياڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا، بېرما قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رايوندىكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىق، بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن شەرقىي ئاسىيا رايونى بەرپا قىلىشى كېرەك.

شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كامبودژانىڭ پايتەختى پىنومپىندا 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.