ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:43

گوۋۇيۈەن زۇڭلى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى پىنومپىندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي ئاسىيا رايونى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ماتور، 3+10 شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسلىق يولى. بىز ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، رايون ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ساقلىساق. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» نىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولساق.

ئىككىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرسەك.

رايون كارخانىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ياراتساق.

ئۈچىنچى، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرسەك.

3+10 جىددىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش مەركىزى، گۈرۈچنى جىددىي زاپاس ساقلاش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، چياڭماي تەشەببۇسىنىڭ كۆپ تەرەپلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى قوللىساق.

تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرساق. جۇڭگو يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگودا ئوقۇيدىغان ياپونىيەلىك، كورېيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا قايتىپ ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

بەشىنچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ياردەم بەرسەك. 

3+10 پاكىز ئېنېرگىيە يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈپ، رايونلارنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەرسەك.

جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3+10 رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ھەر قايسى تەرەپلەر زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، 3+10 ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، لى كېچياڭ تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو، كورېيە زۇڭتۇڭى يون سوكيول، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماركوس بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى ۋە سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئايرىلىپ كېتەلمەيدىغان قوشنىلار، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كورېيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن نەنخەي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى تەڭ قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كىشىدا فۇمىئو، يون سوكيول، ماركوس جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى پىنومپىندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.