ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پېڭ لىيۈەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى ئىلىيانا بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-17 13:23

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن بالى ئارىلىدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى ئىلىيانا بىلەن كۆرۈشتى.

پېڭ لىيۈەن يېتىپ بارغاندا، شۇ جايدىكى ياشلار ھىندونېزىيەنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى گامېلان بىلەن قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ئورۇنلىدى. ئىلىيانا ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، پېڭ لىيۈەن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

پېڭ لىيۈەن ئىلىيانانىڭ ھەمراھلىقىدا ھىندونېزىيە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت كۆركى ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. شۇ جايدىكى قىزلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان «پېندېت ئۇسسۇلى»نى ئوينىدى. پېڭ لىيۈەن ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. پېڭ لىيۈەن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىنىڭ ئۆزگىچە يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىنتايىن نەپىس ئىكەنلىكىنى ماختىدى.

پېڭ لىيۈەن ئىلىيانا بىلەن چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى، مۇزىكا ئاڭلىدى. پېڭ لىيۈەن ئىليانانىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى، جۇڭگونىڭ تۇبېركۇليۇز كېسىلى ۋە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش-ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە قوللانغان ئاكتىپ سىياسىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئايرىلىش ئالدىدا، بالى ئارىلى ۋۇدايانا داشۆسى ساياھەت كۇڭزى شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، خەنزۇ تىلىدا ھىندونېزىيەنىڭ «گۈزەل سولو دەرياسى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. پېڭ لىيۈەن ئوقۇغۇچىلارنى ناخشىنى يېقىملىق ئېيتتىڭلار دەپ ماختىدى، سازەندىلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەيلەن قىزغىنلىق بىلەن: «پېڭ ئانا، ياخشىمۇ سىز!» دەپ ئەھۋال سورىدى، پېڭ لىيۈەن خۇشاللىق بىلەن ئىلىك ئالدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. كۆپچىلىكنى داۋاملىق تىرىشىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى، ھىندونېزىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەلچىلىرىگە ئايلىنىشىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پېڭ لىيۈەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى ئىلىيانا بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن بالى ئارىلىدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى ئىلىيانا بىلەن كۆرۈشتى.