ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپادا نۇرغۇن كەسىپلەردە خادىم قىسقارتىلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى ئەمەس

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 15:45

يېقىنقى مەزگىلدە، ياۋروپادا ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە يۇقىرى پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى داۋاملىق ئەۋج ئېلىپ، نۇرغۇن ياۋروپا كارخانىلىرى تەننەرخ ئۆرلەپ كېتىش، ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كېتىش، مەبلەغ سېلىش ۋاقتىنچە ئازىيىپ كېتىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ياسىمىچىلىق، خىمىيە سانائىتى، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەر يېقىندا خادىم قىسقارتىش پىلانىنى ئېلان قىلدى. كەسپى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملىشىدىكەن، بۇ ياۋروپانىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە ياۋروپا رايونىدا پۇل پاخاللىقى بېسىمى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تەس بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇشى بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادى يەنىمۇ بېسىمغا ئۇچرىدى، نۇرغۇن ياۋروپا كارخانىلىرى يۇقىرى تەننەرخ ۋە تۆۋەن ئېھتىياج پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالدى.

گېرمانىيەنىڭ خىمىيە سانائىتى ماگناتى باسفنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى مارتىن برودمىللېر مۇنداق دېدى: تەخمىنەن ئون يىلدىن بۇيان ياۋروپا خىمىيە سانائىتى بازىرىنىڭ ئېشىش كۈچى ئاجىز بولۇپ كەلدى، ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشى باسفنى بېسىمغا ئۇچراتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا، باسفنىڭ ياۋروپادىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ تەبىئىي گاز خىراجىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليارد 200 مىليون ياۋرو ئېشىپ، كارخانىنىڭ 3-پەسىلدىكى پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 تۆۋەنلىدى.

گوللاندىيەنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىسى ياساش سودىگىرى فىلىپ، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى ياساش ماگناتى سىمېنس گامېيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋان بولماسلىقى كارخانىنىڭ تىجارىتى ۋە پايدىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

فىنلاندىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى توپى ماننا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر رۇسىيە بىلەن ھاۋا تەۋەلىكىنى ئۆزئارا تاقىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر يەتكۈزدى، فىنلاندىيە ئاۋىياتسىيەسى خادىم قىسقارتىشنى «مۈشكۈل، ئەمما زۆرۈر تەدبىر» قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

گېرمانىيە يىف ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى ئېلان قىلغان 10-ئايدىكى گېرمانىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئارزۇسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، 2021-يىلى 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەتكە چۈشۈپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچى 20 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي قىممەتكە چۈشۈپ، خادىم قىسقارتىشنى پىلانلىغان كارخانىلارنىڭ تەكلىپ قىلىش مۇددىئاسى بار كارخانىلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ياۋروپا رايونىدىكى كەسىپ پايدىسىنىڭ ئازىيىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، باسف يېقىندا خادىم قىسقارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەننەرخنى ئازايتىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى ئىككى يىلدا ياۋروپا رايونىنىڭ تەننەرخىنى ھەر يىلى 500 مىليون ياۋرو ئازايتىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەك تەننەرخنى ئازايتىش گېرمانىيەنىڭ باش ئىشتابىدا يولغا قويۇلىدۇ.

گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى شېفلېر ئالدىنقى ئايدا 2026- يىلىدىن بۇرۇن 1300 ئىش ئورنىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 1000 ئىش ئورنى گېرمانىيەدە بولۇپ، ئاساسلىقى مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش تارماقلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىزمەت نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىدە، فىلىپ يېقىندا يەر شارى مىقياسىدا 4000 ئادەم قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ شىركەت خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %5 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. فىلىپنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روي ياكوبۇس كارخانا تىجارەت چىقىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

سىمېنس-گامېيسا يېقىندا يەر شارى بويىچە 2900 ئادەم قىسقارتىدىغانلىقىنى، يېرىمدىن كۆپرەك ئىش ئورنىنىڭ ياۋروپادا قىسقارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىركەتنىڭ باش لىدىرى يوخېن ئېكخولت مۇنداق دېدى: قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، كارخانا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ تىجارەت ۋە سىجىل تەرەققىياتنى ساقلىشى كېرەك.

فىنلاندىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 150 ئادەم قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ.

نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىستىقبالى قاراڭغۇ ئىكەن، كارخانىلارنىڭ ئادەم قىسقارتىش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملىشىدىكەن، بۇ ياۋروپانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.

گېرمانىيە يىف ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى كلېمېنس فىست مۇنداق دېدى: گېرمانىيە سانائىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېنېرگىيە ۋە تەمىنلەش كەمچىل بولۇش كىرىزىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن سانائەت كارخانىلىرى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەننەرخى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشنى توختاتسا، گېرمانىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ تەتقىقاتخانىنىڭ ماكرو ئىقتىساد ۋە تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كىلائۇس ۋاللابې مۇنداق مۆلچەرلىدى: گېرمانىيەنىڭ سانائەت ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تەڭلىشىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارچە سېتىش كەسپىدە ئادەم قىسقارتىش دولقۇنى كۆرۈلىدۇ.

چېخ ئامانەت بانكىسىنىڭ ماكرو ئىگىلىك ئانالىزچىسى مىخال شىكورىپا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە ۋە باشقا سېلىنما تەننەرخىنىڭ ئېشىش بېسىمى ئاستىدا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاستىلىشى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئادەم قىسقارتىشى ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئىشچى ياللاشقا ئۆزگەرتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

رولانبېرگ خەلقئارا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، شىۋېيتسارىيە رايونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساشا خاجانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەم قىسقارتىش پەقەت كارخانىنىڭ تەننەرخنى ئازايتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى ۋاسىتىسى»، «ئەگەر بۈگۈن مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى قىسقارتساق، ئۇنداقتا ئەتە تېخنىك ئىشچىلارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى كارخانىنى قايتىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ».

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپادا نۇرغۇن كەسىپلەردە خادىم قىسقارتىلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى ئەمەس

يېقىنقى مەزگىلدە، ياۋروپادا ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە يۇقىرى پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى داۋاملىق ئەۋج ئېلىپ، نۇرغۇن ياۋروپا كارخانىلىرى تەننەرخ ئۆرلەپ كېتىش، ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كېتىش، مەبلەغ سېلىش ۋاقتىنچە ئازىيىپ كېتىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،