ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارادىكى زاتلار يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 16:17

خەلقئارادىكى زاتلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرازىلىيە سان پاۋلو ئىشتاتلىق داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت پىروفېسسورى ماكىس پىرېس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگونى ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

زامبىيە جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چىبېزا مۇفونى مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە قەدىردان يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا قايغۇلۇق تەزىيەدە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن. يولداش جياڭ زېمىن ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى، ئەينى يىلى زامبىيە زۇڭتۇڭى چىلۇبا ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە بارغان، ئەينى ۋاقىتتا زامبىيە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق كەمچىل ئىدى، رەئىس جياڭ زېمىن زامبىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنى ئاشلىق ياردىمى ۋە تەرەققىيات ياردىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت كۇئېن مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن بىر ئۇلۇغ دۆلەت رەھبىرى، ئۇ ئەقىل-پاراسەتلىك، ئۆز دۆلىتىنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيەتتى. ئۇ جۇڭگوغا ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يول كۆرسىتىپ بەردى.

رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى مىخائىل گۇسمان مۇنداق دېدى: مەن ئالدى بىلەن رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بارلىق جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، ئۇ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى. مەن ئىلگىرى ئۇنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارادىكى زاتلار يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

خەلقئارادىكى زاتلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.