ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 16:17

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ يېقىندا جۇڭگونىڭ سېربىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ سېربىيەنىڭ ئۇلۇغ دوستى ئىكەنلىكىنى، سېربىيە ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا سېربىيەنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى، سېربىيەنىڭ مەڭگۈ جۇڭگونىڭ «قەدىناس» دوستى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى جۇڭگونىڭ گۋىئانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ گۋىئانانىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى، گىۋىيانا بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇرىنام زۇڭتۇڭى دەندوجى جۇڭگونىڭ سۇرىنامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغۇچى، شۇنداقلا سۇرىنام-جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有