ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 10:20

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇردى ۋە تەزىيە بىلدۈردى.

بىرازىلىيە جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو چياۋمىنلىرى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىن نەچچە قېتىم بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئۇل ھازىرلىغان ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان، مەن بىرازىلىيە جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى ياشلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن يولداش جياڭ زېمىننى چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن چوڭقۇر ياد ئېتىمەن.

كانادا ۋانكىۋېر جۇڭخۇا يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى چيەن خۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو چياۋمىنلىرى يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر قايغۇ بىلەن تەزىيە بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ياد ئېتىدۇ. ئۇ جۇڭگو خەلقى ئېتىراپ قىلغان ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاتاقلىق رەھبەر ئىدى، ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچقان ئىدى.

زامبىيە جۇڭخۇا جياڭشى يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زامبىيەدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ناھايىتى قايغۇردى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق ئىدىيەسى، ئالىي جاناب ئىدىيەۋى پەزىلىتى، ئادىمىيلىك سېھرىي كۈچى چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق چىياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ.

مېكسىكا جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياۋ مېيجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چەكسىز قايغۇردۇم، مېكسىكىدا 20 نەچچە يىل ياشىدىم، مەنمۇ ۋەتىنىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇردى ۋە تەزىيە بىلدۈردى.