ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يولداش جياڭ زېمىن دەپنە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (3-نومۇرلۇق)

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 15:30

يولداش جياڭ زېمىن دەپنە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (3-نومۇرلۇق)

پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3-ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى يولداش جياڭ زېمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە پارلامېنتلىرى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، پارتىيەلەر، دوست تەشكىلاتلار، ھەر ساھەدىكى دوست ئەربابلار، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرى، جۇڭگودىكى چەتئەللىك دوستلار، چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار نۇرغۇن تەزىيە تېلېگراممىسى، تەزىيە خېتى ئەۋەتىپ، بايانات ئېلان قىلىپ، سۆھبەت بايان قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى. بۇنىڭغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىدى.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

يولداش جياڭ زېمىن دەپنە كومىتېتى

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يولداش جياڭ زېمىن دەپنە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (3-نومۇرلۇق)

پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى،