ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە تېز يوللانمىلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كەسىپ مىقدارى تېز كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 15:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

 دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تېز يوللانمىلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كەسىپ مىقدارى ئۇدا مۇقىم ئاشقان، بولۇپمۇ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، ئۇدا ئۈچ كۈن كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مىقدارى 300 مىليوندىن ئېشىپ، تېز كۆپەيگەن.

كۆپ جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش «تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، قىسمەن تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىلىرى تىجارەتنى ۋاقىتلىق توختىتىش، تېز يوللانمىلارنى بېسىپ قويۇشتىن تېز ئۆرلەش، ئەسلىگە كېلىپ سۈرئەتنى تېزلىتىشكىچە بولغان جەرياننى ئىشقا ئاشۇردى.

دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى پوچتا كەسپى بىخەتەرلىك مەركىزى سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ لياڭفېڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى غول لىنىيەنىڭ راۋانلىقى ۋە نورمال يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، تارقىتىش ھالقىلىرىدا پۈتۈن تورنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاخىرقى نۇقتىدىكى تور نۇقتىلىرى، بېكەتلەرنىڭ توسۇقلىرىنى راۋانلاشتۇردى.

نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى يەنىلا جانلىنىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قوش«12» ۋە چاغانلىق مال بايرىمى قاتارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادقا تىرەك بولۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىيات قۇۋۋىتى قوشىدۇ. شۈ لياڭفېڭ مۇنداق دېدى: پۈتكۈل كەسىپ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات سىستېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشلەپچىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

تەرجىمان: ئامانگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە تېز يوللانمىلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كەسىپ مىقدارى تېز كۆپەيدى

دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇيان، مەملىكەت