ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«موتوسىكلىت كىچىك قوشۇنى»نىڭ ئۆيگە قايتىش يولى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-18 15:18

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭدىن گۇاڭشىغا موتوسىكلىت بىلەن قايتىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان «موتوسىكلىت چوڭ قوشۇنى» كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ماشىنا ھەيدەپ ۋە چاقماق پويىزغا ئولتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، «موتوسىكلىت چوڭ قوشۇنى» تەدرىجىي «موتوسىكلىت كىچىك قوشۇنى» غا ئايلاندى.

گۇاڭشىنىڭ ۋۇجۇدىكى 321-دۆلەت يولىنىڭ ۋۇجۇ شەرقىي چىقىش ئېغىزى گۇاڭدۇڭدىن گۇاڭشىغا كىرىدىغان مۇھىم يول بۆلەكلىرىنىڭ بىرى، تەن چىڭليەن بىلەن ۋاڭ جۇپىڭ ئەر-خوتۇن ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى.

ئۇلار تاماق يەپ، ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يەنە يولغا چىقتى. تەن چىڭليەن ئۆيگە قايتىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم قىزىمغا گۆش قورۇپ بېرىش، دېدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا، تەن چىڭليەن بىلەن ۋاڭ جۇپىڭ گۇاڭشى ۋۇجۇ شەھىرى تېڭشيەن ناھىيەسى تەيپىڭ بازىرىدىكى بىر چايخانىغا باردى، ئۇلارنىڭ قىزى بۇ چايخانىدا ئىشلەيتتى، ئۇلار قىزى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، قىزى ئۇلارنى چايخانا ئىچىگە باشلاپ، ئەتكەن چاي دەملەپ بەردى.

ۋاڭ جۇپىڭ مۇنداق دېدى: قىزىم دەملىگەن ئەتكەن چاينى ئىچمەيلا بەك ئىچىشلىك بولغانلىقىنى بىلدىم. قىزىمنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم. ۋاڭ جۇپىڭنىڭ قىزى ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ھەر كۈنى سىلەرنى سېغىنىدىم، دېدى. ۋاڭ جۇپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقىنىمدا يۇرتۇمدا يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرەلەيمەن. سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئۆيىمىزنى ياخشى سالدۇق، تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشىلاندى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«موتوسىكلىت كىچىك قوشۇنى»نىڭ ئۆيگە قايتىش يولى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭدىن گۇاڭشىغا موتوسىكلىت بىلەن قايتىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان «موتوسىكلىت چوڭ قوشۇنى» كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى.