ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2022-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-18 15:17

دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 8 تىرىليون 637 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشقان. كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 114 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 5 تىرىليون 700 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 1 تىرىليون 485 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئاشقان؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلەتكەن توك مىقدارى 1 تىرىليون 336 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشقان.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2022-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشتى

دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 8 تىرىليون 637 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشقان.