پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كىتابچىسى بىلەن «جۇڭگو كومپارتىيەسى نىزامنامىسى»نىڭ چەتئەل يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن دوكلاتى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»نىڭ ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، نېمىسچە، ياپونچە، ۋىيېتنامچە، لاۋۇسچە ۋە خەنزۇچە-ئىنگلىزچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى قاتارلىق 11 خىل يېزىقتىكى نۇسخىسى چەتئەل تىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، شۇ كۈندىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت