ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ جۇڭگودىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چاغانلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-19 14:58

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

لى كېچياڭ چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە كۆپرەك چارە تەدبىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلدى. نۇرغۇن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يۇقۇم قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنى ۋە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ياخشى ئاساس سالدۇق. پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى يۇقۇم تۇيۇقسىز پەيدا بولغان 2020-يىلىدىكىدىن يۇقىرى بولدى. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆزلىمىدىن ياخشى بولۇپ، 12 مىليوندىن ئاشتى، يىل ئاخىرىدا شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى 5.5% بولدى. ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى دۇنيادا پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئاران 2% ئۆرلىدى. بۇ بىر قانچە يىلدا ماكرولۇق سىياسەتنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، قىزىل رەقەمنى داۋاملىق زور دەرىجىدە ئاشۇرماي، پۇلنى ئارتۇق تارقاتماي، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىدۇق، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. گەرچە يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ سەرخىللاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ۋە قايتا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» تە چىڭ تۇرۇپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتىدۇ. جۇڭگو ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن كەڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، خىزمەت ئىجازىتى، ئىختىساسلىقلار ۋىزىسى ۋە تۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، باج، پېرېۋوت سېتىۋېلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگودا خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ جۇڭگودىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چاغانلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.