ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-20 10:23

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن جېڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىنىڭ روھى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2022-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئىش. ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەر ۋاقىت غېمىنى يەيدىغان» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ ھەربىر مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى بايقاش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باھالاش، تەكشۈرۈش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەقلىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاممىنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە يەرلىكنىڭ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، بازاردا سېتىش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرگە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى توغرا ئېلان قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى، ئورتاق ئىدارە قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن جېڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى.